UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاق رەڭلىك ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن كۆپ ئۇچرىمايدۇ؟

ئاق رەڭلىك ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن كۆپ ئۇچرىمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسى ھەقىقەتەن سىرلىق: گۈللەر رەڭگارەڭ بولسىمۇ، لېكىن قارا رەڭلىك گۈل تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ؛ يولۋاس، شىر، يىلپىز، يىلان، تاشپاقا، ئېيىق قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل، ھەر ياڭزا، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاق رەڭلىك ھايۋان ئىنتايىن ئاز، ئاق رەڭلىك ھايۋانلار ئاز بولغاچقا، ئۇلار تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە ئەتىۋارلىق ھېسابلىنىدۇ. ئاق شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى پەقەت شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگىلا تارقالغان. ئافرىقا ئاق شىرى بىلەن ھىندىستان ئاق يولۋىسىمۇ ناھايىتى ئاز ھەم قىممەتلىك ھايۋانلاردۇر. 1996 - يىلى، ئىسپانىيىلىكىلەر ئېكۋاتور گۋىنىيىسىدە بىر ئاق ئورانگۇتاننى بايقاپ، ئۇنى بارسېلونادىكى ھايۋانات باغچىسىگە ئەكېلىپ باققان. كىشىلەر ئۇنى دۇنيا بويىچە تەڭداشسىز گۆھەر قاتارىدا كۆرگەن. ئاق رەڭلىك ھايۋانلار جۇڭگونىڭ شېننۇڭجيا دېگەن جايىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. شېننۇڭجيا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تاغلىرى داڭلىق.1954 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، لى شياۋمەن ئىسىملىك بىر كىشى شېننۇڭجيادا بىر كىچىك ئاق ئېيىقنى بايقىغان. بۇ شېننۇڭجيادا يايقالغان تۇنجى ئاق رەڭلىك ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر شېننۇڭجيادا نۇرغۇن ئاق رەڭلىك ھايۋانلارنىڭ بايقىغان. شېننۇڭجيا ئورمانلىقىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئەۋرىشكىخانىسىغا ئاق ئېيىق، ئاق بۆكەن، ئاق ئالتۇن ياللىق مايمۇن، ئاق يىلان، ئاق تىيىن، ئاق قاغا، ئاق شۇڭقار، ئاق بۇغا، ئاق ئىپار، ئاق تاشپاقا، ئاق ئۆمۈچۈك قاتارلىق 20 نەچچە خىل ئاق رەڭلىك ھايۋاننىڭ ئەۋرىشكىسى تىزىپ قويۇلغان. ئۇنداقتا، شېننوڭجيادا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئاق رەڭلىك ھايۋان بولىدۇ؟ ئالىملار كۆپ ساندىكى ھايۋانلارنىڭ ئاق رەڭلىك بولۇشى ئاقىرىپ كېتىش مەسىلىسىگە ياتىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى بەلكىم قەدىمدىن قېپقالغان سورتلار بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە