UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆسۈمۈكلەرنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشىنى تىزگىنلىگىلى بولامدۇ؟

ئۆسۈمۈكلەرنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشىنى تىزگىنلىگىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دېھقانلار زىرائەت تېرىغاندىن كېيىن، ھامان ئۇلارنىڭ كۆپرەك مېۋىلىشىگە تەشنا بولىدۇ. ئەمما كۆپرەك مېۋىلەش ئۈچۈن ئانىلىق گۈل كۆپرەك ئېچىلىى كېرەك. ئىلگىرى ئۆسۈملۈكلەر چېچەكلگەندە ئانىلىق گۈل ئېچىلسۇن ياكى ئاتىلىق گۈل ئېچىلسۇن، ھەممىسى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلەتتى. لېكىن ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ <ئوغۇل> ياكى <قىز> تۇغۇشىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولدى. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى ئۇزارتقان ياكى قىسقارتقاندا ئانىلىق گۈلنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن، تەرخەمەكنى ئالساق، ئۇنىڭ يورۇتۇلۇش ۋاقتىنى قىسقارتقاندا، ئانىلىق گۈلى كۆپ ئېچىلىدۇ. شۇڭا، تەرخەمەككە باراڭ ياساپ بېرىپ سايىداشتۇرغاندا، ئانىلىق گۈللىرىنى كۆپ ئېچىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. سۇ، ئوزۇقلۇق، مېخانىك زەخىملەندۈرۈش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپمۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ <ئوغۇل> ياكى <قىز> تۇغۇشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. نەملىكى 80% كېلىدىغان تۇپراققا تەرخەمەك تېرىغاندا، ئۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارى نەلىكى 40% تۇپراققا تېرىلغان تەرخەمەكنىڭكىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئازوتسىز شارائىتتا تېرىلغان كەندىرلەرنىڭ ھەممىسى ئانىلىق تۈپ بولىدۇ؛ ئازوتلۇق ئوغۇتنى كۆپەيتكەندىن كېيىن ئانىلىق تۈپلەر كۆپىيىدۇ. بامبۇك زىخنى كاۋا غولىنىڭ تۈۋىگە قايچىلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قويغاندا كاۋىنىڭ ئانىلىق گۈللىرى كۆپ ئېچىلىپ، كاۋا كۆپ چۈشىدۇ. كۈلى بېھىسى كۆچىتىنىڭ غولىغا بىر قانچىنى چېپىۋەتكەندە ئۇنىڭ ئانىلىق گۈلىنىڭ كۆپرەك ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بالدۇر ئېچىلغان ئانىلىق گۈللىرىنى ئۈزۈۋەتكەن ياكى غورىسىنى پۇتىۋەتكەندىن كېيىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ ئانىلىق گۈللەر پەيدا بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مايسىلىرىنى خىمىيىلىك بىر تەرەپ قىلغاندىمۇ ئانىلىق گۈللىرىنى كۆپ ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ. تەرخەمەك ھەقىقىي ئۈچ قۇلاق بولغان مەزگىلدە 0.01 پىرسەنتلىك چاي ناترىي ئاتسىتاتلىق تۇز سۈيى ئېرىتمىسىنى تەرخەمەك تۈپىگە پۈركۈگەندە، ئانىلىق گۈلىنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتكىلى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ <ئوغۇل> ياكى <قىز> تۇغۇشنى ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇش ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىش - ھە!
← بارلىق تېمىلار نەمە