UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەگەر بوۋاق گالاكتوزىلىق قان كېسىلىگە گىرىپتاربولۇپ قالسا قانداق ئوزۇقلاندۇرۇشكېرەك؟

ئەگەر بوۋاق گالاكتوزىلىق قان كېسىلىگە گىرىپتاربولۇپ قالسا قانداق ئوزۇقلاندۇرۇشكېرەك؟

نېمە ئۈچۈن گالاكتوزىلىق قان كېسىلى گالاكتوزا مېتابولىزمى جەريانىدىكى ئېنزمنىڭ تۇغما كەملىكىدىن كېلىپ چىققان ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك. تەركىبىدە سۈت قەنتى بولغان ئانا سۈتى، كالا سۈتى بىلەن ئوزۇقلانغاندىن كېيىن گالاكتوزا مېتابولىزمى غەيرىيلىكتىن گالاكتوزا 1 - فوسفورىك كىسلاتا بىلەن گالاكتىتولنىڭ كۆپىيىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن سېرىقلىق چۈشۈش، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، قان قەنتنىڭ تۆۋەنلىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ بىللە كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە، ئومۇمەن ئېمىتكەندە ئەمگىلى ئۇنىماسلىق، ئېغىر دەرىجىدە قۇسۇش، جىگەر - تال ئىششىپ زورىيىش، ئىككىلەمچى قان ئازلىق، ئۇيقۇخۇمارلىق ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئارتماسلىق قاتارلىقلار كۆرۈلسە بۇ كېسەلدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ. تەكشۈرۈپ ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كېيىن سۈت قەنتى بولمىغان يېمەكلىكلەرنى سۈت ئورنىدا بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئەگەر بوۋاق گالاكتوزىلىق قان كېسىلىگە گىرىپتاربولۇپ قالسا قانداق ئوزۇقلاندۇرۇشكېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki