باشقا پلانېتا ئادەملىرىنى قانداق ئىزدەش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇن ئالىملار پايانسىز كەتكەن ئالەمدە جەزمەن يەر شارىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەييارىلەر بار بولۇپ، ئۇلاردىمۇ ھاياتلىق پەيدا بولغان، تەدرىجىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتلىك جانلىق - باشقا پلانېتا ئادىمى بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىشىنىدۇ. يەر شارىدىكى زېرىكىشنى خالىمايدىغان بەزى كىشىلەرمۇ تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ باشقا پلانېتا ئادىمى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش كويىدا بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇلارنىڭ بىرىنچى چارىسى ئاڭلاشتىن ئىبارەت. 1960 - يىلى ئالىملار يىراق ئاسمان جىسىملىرىدىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئېلېكتر دولقۇنىنى ئىزدەش مەقسەت قىلىنغان بىر تۈرلۈك پىلان <ئوزىما پىلانى> نى يولغا قويدى، ئەمما، ئۇدا 150 نەچچە سائەت كۆزىتىپ ئاڭلاش داۋامىدا ھېچقانداق گۇمانلىق سىگنال قوبۇل قىلىنمىدى. 1992 - يىلى باشقا پلانېتا ئادەملىرىنى ئىزدەپ تېپىشقا قىزىقىپ كەتكەن ئالىملار يەنە كۆلىمى تېخىمۇ زور <يەر شارى سىرتىدىكى مەدەنىيەتنى ئىزدەش پىلانى (SETI)> نى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما تا بۈگۈنگە قەدەر قىممەتكە ئىگە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشكىنى يوق.
ئاڭلاشتىن باشقا، كىشىلەر يەنە <تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى>. 1972 - يىلى ۋە 1973 - يىلى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن <ئاۋانگارت - 10> ۋە <ئاۋانگارت - 11> ناملىق بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالاھىدە ياسالغان ئىككى دانە يەر شارى <ئىسىم كارتىسى> نى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى، كارتىغا يەر شارى ئۇچۇرىغا ۋەكىل قىلىنىپ بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ئوبرازى قاتارلىقلار چۈشۈرۈلگەن. 1974 - يىلى كىشىلەر ئارشىۋو رەسەتخانىسى ئارقىلىق گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارغا تۇنجى <تېلېگرامما> نى يوللىدى، بۇ <تېلېگرامما> 24 مىڭ يىلدىن كېيىن ئاندىن نىشانغا يېتىپ بارىدۇ. 1977 - يىل 8 - ئايدا ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن <ساياھەتچى - 1> ۋە <ساياھەتچى - 2> ناملىق بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىردىن <يەر شارى ئاۋازى> پلاستىنكسىنى ئېلىپ، يىراقتىكى مەدەنىيەتلىك يۇلتۇزلارغا سالام يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن باشقا پلانېتا ئادەملىرىنى ئىزدىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئالىملار مۇنداق قىلىشقا كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرماقتا. چۈنكى ئۇلار ناۋادا يۈكسەك دەرىجىدىكى تېخنىكىنى ئىگىلىگەن باشقا پلانېتا ئادەملىرى بىز يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان بولسا، بۇنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇچۈن تەھدىت بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.