ئويۇننىڭ بالىلارغا قانداق پايدىسى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار تۇغۇلۇپ ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئويۇنغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئويۇننىڭ بالىلارغا بولغان پايدىسى ئويۇندىلا بولۇپلا قالماي، ئويناش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارى چېنىقىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئويۇن جەريانىدا ئىزدىنىشنى ئۆگىنىدۇ. ئويۇن بالىلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۈچۈن قىلغان مەشىقى ۋە تەييارلىقى. بالىلارنىڭ ئويۇنلىرى مول، رەڭگارەڭ، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن تۈرى بولىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ ئويۇنى، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئورتاق ئالاھىدىلىكنى يارىتىدۇ. بالىلارنىڭ ئويۇنى باشلانغاندا ئاساسلىقى سەزگۈ ئەزالىرى ئويۇنغا قاتنىشىدۇ. مەسىلەن: رەڭلىك توپقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ. چىرايلىق رەسىملەرنى كۆرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بالىلار ئۆمىلىيەلەيدىغان، ئۆرە تۇرالايدىغان، ماڭالايدىغان بولىدۇ. بارغانسېرى ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: قالايمىقان ئۆمىلەيدۇ، نەرسىلەرنى تاشلايدۇ، ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى ئەكىلىپ ئوينايدۇ. سىيرىلغۇچتا سىيرىلىپ ئوينايدۇ، كىچىك ھارۋىلارنى ئىتتىرىدۇ.