UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنى قوشقاندا <ئازلىقتىن كۆپلۈككە، سۇيۇقلۇقتىن قويۇقلۇققا، ئىنچىكىلىكتىن توملۇققا، بىرخىللىقتىن، كۆپ خىللىققا قاراپ مېڭىش> پرىنسىپى بويىچە قوشۇش كېرەك. ئادەتتە بالا تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغاندا تۇخۇم سېرىقى بېرىشنى باشلىسا بولىدۇ، يەنە سەي، مېۋىلەرنى يۇمشاق ئېزىپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئالما، بانان، سەۋزە قاتارلىقلارنى يۇمشاق ئېزىپ بەرسە بولىدۇ. نەشپۈتنى تۇغۇلۇپ يېرىم يىلدىن كېيىن بەرسە بولىدۇ، بۇلماقمۇ مۇشۇلارنىڭ بىرسى. يەتتە ئايلىقتىن توققۇز ئايلىققىچە بولغان بوۋاقنىڭ يېمەكلىكىگە مۇۋاپىق مىقداردا گۆش قوشسا بولىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى قاتارلىقلار. بىراق، بىر قېتىملىق تاماقتا چوقۇم بىر خىل گۆشنى بېرىش كېرەك شۇنداقلا گۆش بىلەن سەينى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىشنى باشلىسىمۇ بولىدۇ. بىراق سەي چوقۇم تالاسى ئاز سەي بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: سەۋزە، كاۋا، پۇرچاق قاتارلىقلار. كەرەپشە ۋە كۈدە قاتارلىقلارنى بەرسە بولمايدۇ، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بىر ئاز مول بولغىنى دۇفۇ بولۇپ، ئۇنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. سەككىز ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارنىڭ سۈتىنى ئاستا - ئاستا ئازلىتىپ، بىز كېيىن سۆزلەيدىغان ئەمچەكتىن ئايرىش ۋاقتىغا كىرسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە