بالىلار ئاقسىلنى زىيادە كۆپ تولۇقلاشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار كالا سۈتى، توخۇ تۇخۇمى، ئورۇق گۆش، پىشلاق قاتارلىق ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاقسىل ماددىسىنى تولۇقلىشى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ. مۇۋاپىق ھالدا تىزگىنلىمەي، ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق ياكى تاماقتىن چىقىپ كېتىش ھادىسىلىرى پەيدا بولۇپلا قالماي، جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كالتسىي ماددىسىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ - دە، بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېغىر بولغاندا قەۋزىيەت، ئاشقازان ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ئاقسىل ماددىسى بار يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا بېرىش كېرەك. ئادەتتە بىر كىلوگرامدا تۆت گرام ئەتراپىدىكى ئاقسىل بار يېمەكلىكلەرنى بەرسە بولىدۇ