UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا سۈتى بالىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق تەبىئىي يېمەكلىكمۇ؟

ئانا سۈتى بالىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق تەبىئىي يېمەكلىكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى دۇنيادىكى بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق تەبىئىي يېمەكلىك، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ شۇنداقلا ئۇ بۇلغانمىغان، ساپ ئوزۇقلۇق بولۇپ، ھېچقانداق يېمەكلىك بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. ئانا سۈتى بىۋاسىتە سۈت بەزلىرى ھۈجەيرىسى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇ دېزىنفېكسىيە قىلىش ھاجەتسىز بولغان بىخەتەر يېمەكلىك. ئانا سۈتىنى قىزىتىپ پىشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. تەركىبىدە يەنە خىلمۇخىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بەدەن سۇيۇقلۇق ئىممۇنىتېت تەركىبى ھەم كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېت ئاقسىلى بولۇپ، باكتېرىيىنى ھەيدەش، كونترول قىلىش، ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. شۇڭا، ئانا سۈتى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتلاش ئىچىملىكى بولۇپ، بوۋاقنى تەبىئىي ئىممۇنىتېتلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئانا سۈتى بالىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق تەبىئىي يېمەكلىكمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki