بوۋاقلاردا <ئېرىقچىسىمان تىل> كۆرۈلگەندە قانداققىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئېرىقچىسىمان تىل يەنە يېرىقسىمان تىل دېيىلىپ، تىل يۈزىدە چوڭقۇر - تېيىزلىقى ئوخىشمايدىغان، ئۇزۇن - قىسقىلىقى تەڭ بولمىغان، ئۇزۇنىسىغا ياكى توغرىسىغا يېرىقچىلار پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېرىقچىسىمان تىل كۆرۈلگەن بوۋاقلاردا ئادەتتە ھېچقانداق نامۇۋاپىق ئىپادىلەر كۆرۈلمەيدۇ. تىل يۇمشاق، ھەرىكىتى ئەركىن، تەم سەزگۈسى نورمال مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر تىلىدىكى يېرىقلار چوڭقۇر بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم يېمەكلىك قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قېلىشتىن مىكرو ئورگانىزملار كۆپىيىپ، ئاسانلا ئەگەشمە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېنىك دەرىجىدە سانجىپ ئاغرىيدۇ. ھازىرچە ئېرىقچىسىمان تىل شەكىللىنىشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. كۆپىنچىسى بىر خىل تۇغما يېتىلىشتىكى غەيرىيلىك دەپ قارىلىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ۋىتامىننىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئېرىقچىسىمان تىل كۆرۈلگەن بوۋاقلار ئېغىز تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، تاماقتىن ئىلگىرى - كېيىن ئېغىز چايقىتىش، يېتىشتىن ئىلگىرى سۇس تۇز سۈيىدە ئېغىزىنى چايقاپ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.