ئىككى ياشلىق بالىلارغا بالىلار ناخشىسىنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندە بالىلار ناخشىسىغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا بىر ياش ۋاقتىدەك ئادەتتىكى ناخشىلارغا قانائەتلەنمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار خۇشاللىق مەزمۇنىدىكى بالىلار ناخشىسىغا ناھايىتى ئامراق بولىدۇ ھەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىنى قايتا - قايتا ئاڭلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئانا بىرەر ئىككى پارچە بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان <ئەللەي ناخشىسى> <كىچىك قارلىغاچ> قاتارلىق بالىلار ناخشا - مۇزىكىلىرىنى تاللاپ قويۇپ بېرىش كېرەك. ئەگەر ئانا ئۆزى بالىغا ناخشا ئېيتىپ بەرسە، بالا ئىنتايىن مېھرىبانلىق ھېس قىلىپ، يېتىلىشى تېز ياكى ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بالىلار ھەتتا ناخشا مەزمۇنىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.