UyghurWiki›نەمە›بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار قانچىلىك مىقداردا كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنى تولۇقلىسا بولىدۇ؟
بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار قانچىلىك مىقداردا كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنى تولۇقلىسا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلىق مەزگىلىدە بالىلار ماڭالايدىغان، سەكرەپ تاقلىيالايدىغان بولىدۇ، كۈن بويى ھەرىكەت قىلىپلا يۈرىدۇ، بۇنداق كۆپ ھەرىكەتلەرگە كېتىدىغان ئىسسىقلىقمۇ روشەنكى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا، بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىرى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق ئاساسلىقى كاربون — سۇ بىرىكمىلىرىدىن كېلىدۇ، كاربون — سۇ بىرىكمىلىرى دانلىق زىرائەت تۈرلىرى، ئۇن، ياڭيۇ قاتارلىقلاردىن كېلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بىز ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 1000 ~ 2000 كىلوكالورىيە بولىدۇ. يەنى 100 ~ 150 گرامغىچە كاربون — سۇ بىرىكمىلىرىگە موھتاج بولىدۇ. بۇ ھەر ۋاخ تامىقىدا بىر - ئىككى قېتىم ئەتراپىدا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ