UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كىندىك ياللۇغىدا قانداق كۈتۈلىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كىندىك ياللۇغىدا قانداق كۈتۈلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كىندىك ياللۇغى دېگىنىمىز، كىندىك بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان توقۇلمىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى كىندىك كەسكەندە ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كىندىكنىڭ قالدۇق ئۇچىدىن باكتېرىيە كىرىپ، كۆپىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىندىك يالۇغى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. يېنىكلىرىدە پەقەت يەرلىك ئورۇندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئېغىرلىرىدا بولسا سېپتىتىسېمىيىنى ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاسراش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغى تۆكۈلۈشتىن بۇرۇن پەقەت سۈرتۈپ تۇرۇش ھەمدە كىندىك قىسمىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش زۆرۈر، بوۋاقنى سۇ بار داسقا سېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى كىندىك بېغى ھۆللەنگەندىن كېيىن تۆكۈلۈش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇھەتتا يۇقۇملىنىشمۇ بولىدۇ. يۇمشاق كىيىملەرنى تاللاپ يەرلىك ئورۇننىڭ سۈركىلىشىنى ئازايتىش، زاكىنى پات - پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۇزاق تۇرغۇزماسلىق، كىندىكنىڭ سۈيدۈكتە ھۆل بولۇپ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش، شارائىتى بارلار دېزىنفېكسىيىلەنگەن تېڭىق ماتېرىيالى بىلەن ئوراپ كىندىكنى قوغدىسا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغى چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن سۇدا يۇسا بولىدۇ. لېكىن ھەر قېتىم سۇدا يۇغاندىن كېيىن مىكروبسىز قۇرۇق پاختا پىلتىكۈچ بىلەن كىندىكتىكى سۇنى پاكىز سۈمۈرۈۋېتىش، شۇنداقلا يارا يۈزىنى ئەستايىدىل كۆزىتىش، ئەگەر سۇيۇق ئاجراتمىلار ئېقىپ چىقسا ياكى قىزىرىپ ئىشىشىش ئالامەتلىرى بولسا ھەم بوۋاق يىغلىسا، كىندىك قىسمى يۇقۇملىنىشتىن گۇمانلىنىپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە