UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشنىڭ قانداقئەھمىيىتى بار؟

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشنىڭ قانداقئەھمىيىتى بار؟

نېمە ئۈچۈن بالىنىڭ ئانا تېنىدىن ئېلىپ كەلگەن تۆمۈر تۇغۇلۇپ ئۈچ - تۆت ئاي بولغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن خورايدۇ، شۇڭا، چوقۇم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ئېھتىياجنى قامداش كېرەك. بولمىسا، چوقۇم يېنىك دەرىجىدە ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ - تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقتا ۋىتامىن D قاتارلىقلار كەمچىل بولۇش كېسىلى پەيدا بولىدۇ شۇنداقلا كالتسىي ۋە ۋىتامىن D يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەقەت قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولغاندىلا ئەمەس، سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە ۋىتامىن D نى تولۇقلاش ئاساسىدا ھاۋارايى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا سىرتتا ئاپتاپقا قاقلىنىش ياكى ئۆيدە دېرىزىلەرنى ۋە تېرىنى يېپىۋالىدىغان ھەر قانداق نەرسىلەرنى ئېچىۋېتىپ، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بېرىپ، بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوشقاندا، ئوزۇقلۇقنىڭ بالىلارغا كەلتۈرگەن پايدىسى ياخشى بولىدۇ. ئاۋۋال، بالىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىقنى تولۇقلاپ، بالىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇق بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا بالىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن ئايرىلالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە