يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق ئۆلچىمى قايسىلار؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىق ئۆلچىمى ئاساسلىق:
1. ھامىلە تۇغۇلغان ھامان يىغلاش، ئاندىن ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىشكە باشلاش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدىكى نەپەسلىنىش قېتىم سانى مىنۇتىغا 40 ~ 50 قېتىم بولۇش.
2. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال تومۇر سوقۇشى مىنۇتىغا 120 ~ 140 قېتىم بولۇش.
3. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال ئېغىرلىقى 5.2 ~ 4 كىلوگرام بولۇش.
4. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئالدىنقى ئىككى كۈندە چوڭ تەرەت رەڭگى قارامتۇل يېشىل، يېپىشقاق ئۇيۇتما شەكلىدە، سۈت ئەمگەندىن كېيىن بارا - بارا ئالتۇن رەڭ ياكى سۇس سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىش.
5. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش.
6. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37℃ ~ 36℃ بولۇش.
7. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، ئېمىش، سىقىمداش ھەم قۇچاقلاش رېفلېكىسى بولۇش.
8. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نۇر چۈشۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا كۆزنى يۇمۇۋېلىش رېفلېكىسى بولۇش ۋە تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئاڭلاش سېزىمى بارا - بارا ياخشىلىنىپ ئاۋاز ئاڭلاپ، كۆزىنى چىمچىقلىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسا ساغلاملىق نورمال ھېسابلىنىدۇ.