يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىنى قانداق تازىلاش ۋە ئاسراش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇرۇن ئىچكى شىللىق پەردە توقۇلمىلىرى يۇمشاق ۋە قىل قان تومۇرلىرى كۆپ بولۇپ، يېنىك غىدىقلىنىشقا ئۇچرىسىمۇ ئاسانلا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق شەكىللىنىپ، ئەسلىدىلا تار بولغان بۇرۇن بوشلۇقىنى تېخىمۇ تارلىتىۋېتىپ، نەپەس راۋان بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجرالما ماددىلار ئاسانلا قېتىپ قاقاچ شەكىللەندۈرۈپ، بۇرۇن بوشلۇقى ئېتىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇرنىنى تازىلاشتا، پاختىلىق پىلتىكۈچنى نەمدەپ، بۇرۇن تۆشۈكىگە تىقىپ سۈرتۈپ تازىلاش، ئەگەر بۇرۇن بوشلۇقىدا قاقاچ بولسا، بارماق بىلەن كولاشتىن ياكى قىسقۇچ بىلەن مەجبۇرىي قىسىپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش. ئاۋۋال پاختا پىلتىكۈچنى سۇدا نەمدەپ ئېلىپ، ھەربىر بۇرۇن بوشلۇقىغا بىر تامچىدىن ئىككى تامچىغىچە تامچىتىپ، بىر مىنۇتتىن ئىككى مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ قاقاچنى يۇمشاتقاندىن كېيىن قۇرۇق پاختا پىلتىكۈچ بىلەن تارتىپ چىقىرىۋېلىش ياكى يۇمشاق نەرسە بىلەن بۇرۇننى غىدىقلاپ چۈشكۈرتۈپ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجرالما ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.