UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشىدىكى كىرنى قانداقيۇيۇش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشىدىكى كىرنى قانداقيۇيۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش تېرىسىدە دائىم بىر قەۋەت ماي قەۋىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ماي بېزىنىڭ زىيادە كۆپ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىلمىسە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن توپا - توزان ۋە تۆكۈلگەن ئېپىدېرما توقۇلمىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ قېتىپ تەڭگىسىمان كىر ياكى قارا قاقاچنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ دەل باش كىرىدۇر. باش كىرى تۇرۇپ قېلىش مەينەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە باش تېرىسىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك رولىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا تازىلاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. بەزى ئاتا - ئانىلار قولى بىلەن قاتتىق تاتىلاپ چىقىرىۋېتىدۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىلمىيلىكى يوق بولۇپ، ئاسانلا باش تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باش كىرىنى چىقىرىشتا ئەگەر باش كىرى قېلىنراق، باش تېرىسى بىلەن چىڭ چاپلىشىپ كەتكەن بولسا، پاكىز داكا ياكى لۆڭگىنى بىر ئاز دېزىنفېكسىيىلەنگەن ئۆسۈملۈك مېيى (چۈچۈتۈلگەندىن كېيىنكى ئۆسۈملۈك مېيى) غا چىلاپ ئېلىپ سۈرتۈپ يۇمشىتىش ئاندىن سوپۇن بىلەن ئىلمان قايناق سۇدا يۇيۇپ تازىلاش ، ئەگەر باش كىرى بەك قېلىن بولسا، مايلىق داكىدا بىر نەچچە سائەت يۆگەپ قويغاندىن كېيىن ئاستا سۈرتۈپ ئېلىۋېتىپ، ئاندىن سوپۇن بىلەن ئىلمان قايناق سۇدا يۇيۇپ تازىلاش كېرەك. باش كىرىنى تازىلىۋەتكەندىن كېيىن كۈندە تېرىسىنى سۈرتۈپ تۇرۇش، باش تېرىسىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
← بارلىق تېمىلار نەمە