UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىككى قوۋۇرغىسى ئارىـسىدىكى دۆڭچە قانداق ئەھۋال؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىككى قوۋۇرغىسى ئارىـسىدىكى دۆڭچە قانداق ئەھۋال؟

نېمە ئۈچۈن ئەستايىدىل ئانىلار بوۋاقنىڭ ئىككى قوۋۇرغىسى ئارىسىدىكى دۆڭچىنى بايقاپ، بوۋاقنىڭ سۆڭىكىدە غەلىتىلىك بار ئوخشايدۇ دەپ جىددىيىلىشىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بوۋاق سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. بۇ دۆڭچە تېبابەتتە خەنجەرسىمان كۆمۈرچەك دېيىلىدۇ. ئورۇق بوۋاقلاردا بۇ دۆڭچە تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. سېمىزرەك بوۋاقلاردا بولسا ماي قاپلاپ تۇرغانلىقتىن ئاسان كۆرگىلى بولمايدۇ. بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، خەنجەرسىمان كۆمۈرچەك بارا - بارا تۆش سۆڭىكى بىلەن بىرلىشىپ ھەمدە مۇسكۇل ۋە ماي بىلەن قاپلىشىپ ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈنمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىككى قوۋۇرغىسى ئارىـسىدىكى دۆڭچە قانداق ئەھۋال؟ | UyghurWiki | UyghurWiki