نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇچى بىلەن قۇلاق سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قىشتا قار يېغىپ، شىۋىرغان چىقىپ، قاتتىق سوغۇق كىشىلەرنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەگەر قولىڭىز بىلەن بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچى ۋە قۇلىقىڭىزنى تۇتسىڭىز، ئۇلار سوغۇقتىن تېخىمۇ بەك قورقىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ، ياكى توڭلاپ قىزىرىپ كېتىدۇ، ياكى سوغۇقتىن سېزىمىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
قىشتا سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق تېرە ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا، كىشىلەر ئىسسىق يۈرۈش ئۈچۈن قېلىن كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ، نورمال تېمپېراتۇرىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەتتا باشلىرىغا تۇماق كىيىۋالىدۇ. باش قىسمىدىكى بىر مۇنچە ئورگانىزم بەزى مۇھىم ئىقتىدارلىرىنى يۈرگۈزىدىغان بولغاچقا، مەسىلەن، قۇلاق ئاۋاز ئاڭلايدىغان، بۇرۇن ھاۋا سۈمۈرىدىغان ۋە پۇرايدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئوچۇق تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا مۇزلايدۇ.
بۇرۇن ئۇچى بىلەن قۇلاق باشنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا جايلاشقان، ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش دائىرىسىمۇ بىر قەدەر چوڭ، ئىسسىقلىقمۇ سىرتقا بىر قەدەر ئاسان تارقىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قۇلاق ۋە بۇرۇننىڭ ئۇچىداتومراق قان تومۇرى بولمايدۇ، پەقەت قىل قان تومۇرلارلا بولىدۇ، شۇڭا ئادەم تېنىدە پەيدا بولغان ئىسسىقلىق ئۇ يەرگە ناھايىتى كەمدىن - كەم بارىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاچقا، ئادەتتە بۇرۇن ئۇچى بىلەن قۇلاق سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ.