ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قانداق قابىلىيىتى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۈچ ئايلىق بولغان بالىلار بېشىنى تىك تۇتالايدۇ، مۇقىم ھالدا دۈم ياتالايدۇ. بىلەكلىرى بىلەن بېشىنى تۇتۇپلا قالماستىن يەنە بەدەنلىرىنى تۇتالايدۇ. كۆكرىكىنى تۈزۈلىيەلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئويۇنچۇق ۋە رەسىمگە قارىغاندا ناھايىتى خۇشال بولغان قىياپەتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا بەزىبىر گۇڭراش ئالامەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇزاق ۋاقىت قىرقىراپ يىغلايدۇ، تونۇش بولغان كىشىلەر ئۇنى بىرەر نەرسىگە جەلپ قىلغاندا گۇڭرايدۇ، ھەتتا ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقلاردا نەرسىلەرنى تۇتۇش ئىستىكى كۈچلۈك بولىدۇ. گەرچە تۇتالمىسىمۇ، بىراق جىرىڭلايدىغان ئويۇنچۇق قاتارلىق يېنىك نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز، خېلى ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرالايدۇ.