بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مېۋە ئۇيۇتمىسى پۇراقلىق، تەملىك بولغاچقا، بالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. ئەمەلىيەتتە مېۋە ئۇيۇتمىسى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر گەرچە <مېۋە> دېگەن سۆزدىن باشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئەسلى مەنبەسى مېۋە ئەمەس. بەلكى ئاگار، يار يېلىم، كارا يېلىمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئاز مىقداردا مۇئەتتەر قوشۇلۇپ پىششىقلانغاندىن كېيىن، سۈنئىي ئۇسۇلدا يېمەكلىك ۋە تاتلىق، ئاچچىق دورىلار قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مېۋە ئۇيۇتمىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھەرخىل مېۋە ۋە باشقا ئۆسۈملۈك بولسىمۇ ۋە بىراق پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا كىسلاتالىق، ئىشقارلىق، ئاقارتىش، پاكىزلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، نۇرغۇنلىغان ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاساسەن يوقاپ كېتىدۇ. ھەرخىل مېۋە ئاگار قاتارلىقلار گەرچە تالالىق ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنسىمۇ، بىراق ئىستېمال قىلىۋەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى ماي، ئاقسىل، ھەتتا تۆمۈر، سىنك قاتارلىق ئانئورگانىك تۇزلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېۋە ئۇيۇتمىسىدىكى سۈنئىي بويىغۇچى ماددىلار، مۇئەتتەر، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچى دورىلار، ئاچچىق تەم كىرگۈزگۈچى دورىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە سالامەتلىكىگە قىلچىمۇ پايدىسى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسىنى يۇتقاندا، نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇ ھەتتا بالىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا، بالىلارغا ئىمكانقەدەر مېۋە ئۇيۇتمىسى بەرمەسلىك كېرەك