UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدېڭىز بىلەن ئوكيان بىر گەپمۇ؟

دېڭىز بىلەن ئوكيان بىر گەپمۇ؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارىدىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ كۆلىمى قۇرۇقلۇق كۆلىمىدىن كۆپ ئارتۇق. ئەگەر پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان،ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكياننى، يەنە چوڭ - كىچىك سانسىزلىغان دېڭىزلارنى، مەسىلەن، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، ياۋروپادىكى قارا دېڭىز، بالتىق دېڭىزى، ئاسيادىكى قىزىل دېڭىز، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنداقتا، ھەممىسى ئوخشاشلا تۇزلۇق دېڭىز سۈيى تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بەزىسى ئوكيان، بەزىسى دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ؟ دېڭىز بىلەن ئوكيان بىر گەپمۇ؟ ئەسلىدە، گېئوگرافىيىدە دېڭىز بىلەن ئوكياننى پەرقلەندۈرشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى مۇنداق: بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قارىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا قارىلىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، سۇ رەڭگى ئالاھىدە قېنىق بولغان جايلار ئوكيان دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرۇقلۇققا يېقىن، كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك، سۇ رەڭگى سۇس بولغان جايلار دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكيانلارنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ بىر قەدەر يىراق، شۇڭا <ئوكيان> دەپ ئاتاش ئۆلچىمىگە توشىدۇ. مەسىلەن، تىنچ ئوكياننى ئالساق، ئۇنىڭ كۆلىمى يەر شارىدىكى بارلىق قۇرۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. كۆلىمى ئەڭ كىچىك بولغان شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ كۆلىمى 13 مىليون كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئۇ ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئوكيانىيىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمىدىنمۇ چوڭ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
دېڭىز بىلەن ئوكيان بىر گەپمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki