نېمە ئۈچۈن دورىنى قۇرۇق يۇتۇشقا بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى بىمارلار ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ سۇ ئىچمەي دورىنى قۇرۇق يۇتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلغاننىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ.
بىزگە ئايان، دورا ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن كېسەللىكنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئىچىدىن ئىچىشكە بېرىلىدىغان دورىلارمۇ ئاشقازان، ئۈچەيلەرگە بارغان ھەم قان ئىچىگە كىرىپ مەلۇم قويۇقلۇق دەرىجىسىگە يەتكەندىن كېيىن، ئاندىن داۋالاش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
سۇ ئىچمىسە، دورا ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاشقازان، ئۈچەيلەرگە يېتىپ بارالمايدۇ - دە، كېسەل داۋالاش رولىنى تېز جارى قىلدۇرالمايدۇ، شۇنڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزىلئۆڭگەچنى چىرىتىش رولىنى ئويناپ، يارا پەيدا قىلىدۇ. دورا ئادەم تېنىدىكى سۇغا تايىنىپ ئېرىگەنلىكتىن، سۇ ئىچىلمىگەچكە دورىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ۋە داۋالاش رولىغا تەسىر يېتىدۇ.
شۇڭا، دوختۇر رېتسېپ يېزىپ بەرگەندىن كېيىن، ھەمىشە بىمارلارغا دورىنى يىلمان قايناق سۇ بىلەن ئىچىشنى تاپىلايدۇ. بەزى دورىلارنى ئىچكەندە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت: بىرى، دورىنى ئادەم بەدىنىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق بولغاندىن سىرت، ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلار تېزدىن ئادەم تېنىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ؛ يەنە بىرى، دورا ئىچكەندىن كېيىن چىققان تەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تالقان دورا، سۇيۇق دورا، جۇڭيى قايناتما دورىلىرىنى ئىچكەندىن كېيىنمۇ كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئىچىلگەن دورىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، قىزىلئۆڭگەچ، كاناي قاتارلىق ئورۇنلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىپ، دورىنى تېزدىن ئاشقازان، ئۈچەيلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تېز جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.