UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتوكاننىڭ تۇمشۇقى زادى قانچىلىك چوڭ؟

توكاننىڭ تۇمشۇقى زادى قانچىلىك چوڭ؟

نېمە ئۈچۈن قۇشلار جەمەتىدە تۇمۇشۇقىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خىل قۇش بار بولۇپ، ئۇنىڭ نامى توكان. ئۇ ئامازوندىكى ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا ياشايدۇ. يېتىلگەن توكاننىڭ ئۇزۇنلىقى ئاران 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەمما تۇمشۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى بولسا 30 گرام كېلىدۇ. ئۇنىڭ تۇمشۇقىدا لىققىدە نەرسە بار بولماستىن، بەلكى ئاساسىي جەھەتتىن كاۋاك بولۇپ، تۇمشۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئىنچىكە بىر تالا بار. كۆپ تۆشۈكلۈك بۇلۇتسىمان توقۇلمىسىغا ھاۋا توشۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، توكاننىڭ بالادەك چوڭ تۇمشۇقى ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئاۋارىچىلىك ۋە بېسىم ئەكەلمەيدۇ. توكان تۇمشۇقىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەيلىرىنىڭ رەڭدارلىقىمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستى تەرىپى سېرىق ۋە ئازراق قىنىڭ ئۇچى ئازراق قىزىل، كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى كىرپىكلىرى ھاۋا رەڭ، مەيدىسى سېرىق، دۈمبىسى قارا بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىغا ھەر خىل رەڭلەر مۇجەسسەملەشكەن. يىراقتىن قارىسا، ئۇ خۇددى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر پارچە رەسىمگە ئوخشىشىدۇ. توكاننىڭ يېمەكلىك يېيىش ھەرىكىتى ناھايىتى قىزىقارلىق. ئۇ دائىم ئېغىزىغا كىرىپ بولغان يېمەكلىكنى ئاۋۋال ئاسمانغا ئېتىپ، ئېغىزىنى چوڭ ئاچقاندىن كېيىن ئۇدۇل گېلىغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن يۇتۇۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
توكاننىڭ تۇمشۇقى زادى قانچىلىك چوڭ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki