UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى قايسىلار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى مۇرەككەپ، بەزىدە بىر نەچچە خىل سەۋەبلەر كىرىشمە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبچىسى تۆۋەندىكىدەك: 1. تۇغۇت ئالدى - كەينى دەۋرىدىكى تۇنجۇقۇش. تۇغۇت ئالدى - كەينى دەۋرىدىكى تۇنجۇقۇش ئوكسىگېن قان قازلىق مېڭە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاساسلىقى ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى سەزگۈسى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۇت - قول ھەرىكىتى ئازلاش ياكى پۇت - قولى بوشىشىش، ئېغىر بولغانلاردا تارتىشىش كۆرۈلىدۇ. 2. تۇغۇتتا زەخىملىنىش خاراكتېرلىك باش ئىچى قاناش. بەدىنى ئېغىرراق ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. قىيىن تۇغۇت ياكى تۇغۇت جەريانى ئۇزىراشتىن باش قىسمى فىزىكىلىق زەخىملىنىپ، مېڭە قاناش كېلىپ چىقىشتىن تارتىشىش يۈز بېرىدۇ. 3. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېڭە قېرىنچىسى قاناش. تۇنجۇقۇش ياكى ئوكسىگېن كەملىك ئاسانلا بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېڭە قېرىنچىسى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم ئاۋۋال نېرۋا سىستېمىسى كېسەل ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يەنى، ئۇيقۇخۇمارلىق، نەپەسلىنىش تەرتىپسىز بولۇش، مېڭە ئالدى لىپىلدىقى تولۇش ياكى ئۆرلەپ چىقىش، ناھايىتى تېزلا قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك ياكى تۇتقاقلىق سپازما خاراكتېرلىك تارتىشىش كۆرۈلىدۇ. 4. يۇقۇملىنىش ئامىللىرى. ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى يىرىڭلىق مېڭە پەردىسى ياللۇغى تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئەتراپىدا كېسەل قوزغىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسېمىيە بىلەن تۇغما بالىياتقۇ ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 5. ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش. قان شېكىرى تۆۋەنلىك، قاندىكى كالتسىي تۆۋەنلىك، قاندىكى ماگنىي تۆۋەنلىك، يۇقىرى ناترىي ۋە تۆۋەن ناترىيلىق قان كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 6. مېتابولىزم بىنورماللىق. ئامىنو كىسلاتا، ياغ، قەنت تۇغما مېتابولىزم نورمالسىزلىقىنىڭ ھەممىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 7. يادروغا سېرىقلىق چۈشۈش. ئېغىر دەرىجىدە يۇقىرى بىلىرۇبىنلىق قان كېسىلى بولغاندا، كۆپ مىقداردا ئەركىن بىلىرۇبىن قان مېڭە توسىقىدىن ئۆتۈش ئارقىلىق مېڭە ئاساس قىسمىدا يىغىلىپ، ھۈجەيرىنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئالامىتى پەيدا قىلىدۇ، ئىپادىسى تارتىشىش ۋە ياغاچتەك غادىيىش
← بارلىق تېمىلار نەمە