بېلىق جىگىرى مېيىنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا پايدىسىبارمۇ - يوق؟
نېمە ئۈچۈن
بېلىق جىگىرى مېيىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن D. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق جىگىرى مېيىنى تولۇقلاپ بەرسە، ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئوخشاشلا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشىغىمۇ پايدىسى بار. بىراق، بىر تەرەپتىن بېلىق جىگىرى مېيىنى قانچە كۆپ ئىستېمال قىلسا شۇنچە ياخشى بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىگە زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار. ۋىتامىن A نى ئارتۇق تولۇقلىسا، ھامىلىنىڭ سۆڭىكى غەيرىي، تاڭلاي يېرىقى ھەم كۆز مېڭىسىنىڭ غەيرىيلىكى يۈز بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن D نى ئارتۇق تولۇقلىسا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېرىسىنى قىچىشتۇرۇپ، چاچ چۈشۈش ۋە ھامىلىنىڭ غول ئارتېرىيىسىنىڭ مۇكەممەل يېتىلمەسلىكىنى، ئۆپكە ۋە بۆرەك ئارتېرىيىسىنىڭ تار بولۇشى قاتارلىق كەمتۈكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار بېلىق جىگىرى مېيىنى كۆپ ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.