بالا ئېمىتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئۇخلاپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىرقانچە كۈن ئىچىدە، ئانچە بەك ئېمىپ كەتمەيدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئېمىۋىتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا، بەزى ئانىلار بالىسىنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنالماي قېلىشىدىن ياكى قورسىقى تويماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ بىرخىل تەبىئىي ئېمىش تەرتىپى. ئېمىش بالىغا نىسبەتەن كۈچ كېتىدىغان ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سۈت بەرگەندە، بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا مەھكەم يېپىشىپ، ئىللىق ۋە راھەت يەردە ئۆزىنى ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ - دە، بۇنداق ياخشى مۇھىتتا ئۇخلاشقا باشلايدۇ. بالىنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتسە، ئۆزى ئېمىدۇ. شۇڭا بالا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بولسا، ئۇنى ئويغاتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىراق بالدۇر تۇغۇلغانلارغا نىسبەتەن، ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھەمىشە ئۇخلايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئويغاتسىڭىز بولىدۇ. قىسقىسى، قانداقتۇر قاتتىق بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپى لازىم ئەمەس. ئەگەر بالا ئېمىتىۋىتىپ ئۇخلاپ قالسا، بۇ ۋاقىتتىكى ئۇيقۇ تولۇق ئۇيقۇ ھالىتى ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ ھالەتتە ئۇخلىشىغا ئازراق ۋاقىت قالدۇرۇپ، ئاندىن قول بىلەن بالىنىڭ ئېڭەكلىرىنى ئاستا سىيلاپ ياكى بالىنىڭ ئاغزىنى ئاستا ئېچىپ، بالىغا ھاۋانى بىر سۈمۈرگۈزۈپ، ئاندىن ئەمچەك توپچىسىنى قايتا بالىنىڭ ئېغىزىغا تىقىش كېرەك. بالىنى ئاستا ئەللەي ئېتىپ ئويغىتىشقىمۇ بولىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ قورسىقى راستىنلا ئاچقان بولسا، ئەمچەك توپچىسىنى ئاغزىغا سالغاندا، دەرھال ئېمىشكە باشلايدۇ.