نېمىشقا ئانا - بالا ئايرىلىپ ئۇخلاشنى تەشەببۇس قىلىمىز؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالا ئېمىتىشكە قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئانا - بالىنى بىر ئۆيدە ئۇخلاشقا تەشەببۇس قىلغان ئىدۇق، بالىلىق مەزگىلگە كەلگەندە بولۇپمۇ بالىلار ئىككى ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئانا - بالىنىڭ ئايرىلىپ يېتىشىنى، بالىنىڭ يالغۇز، مۇستەقىل ئۇخلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. چۈنكى:
1. ئانا - بالىلار ئايرىلىپ ئۇخلىسا، بالىلارنىڭ ئورنىدىن سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ ھەم ئاتا - ئانىنىڭ تۇرمۇشى ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق. بالىلار ئادەتتە بالدۇرراق ئۇخلايدۇ، ئاتا - ئانىلار نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئۆيدە ئۇخلىسا، ئاتا - ئانا بالىنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاۋايلاپ ئىش كۆرۈپ، تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىدۇ.
2. بالىلار ئايرىم يېتىپ، يالغۇز ئۇخلىسا بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. بالىلار دائىم ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۇخلىسا، ئاتا - ئانىسىغا تايىنىش ئىدىيىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بەزى بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە يەسلىگە كىرىپ، كوللېكتىپ ياتاقتا تۇرىدۇ، شۇڭا بالدۇرراق بالىنىڭ يالغۇز ئۇخلاش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.