UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالدىنى ئېلىپ ئەملەشتىن كېيىنمۇ يەنە يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملىنامدۇ؟

ئالدىنى ئېلىپ ئەملەشتىن كېيىنمۇ يەنە يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملىنامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، لېكىن ھەرگىز يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانمايدۇ دەپ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئاساسلىق سەۋەبى: 1. ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېتى ۋاقىتلىق ئۈنۈمدارلىققا ئىگە. ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندىن كېيىن بەدەندە ھاسىل بولغان ئانتىتېلا پەقەت مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئەگەر ئىممۇنىتېت قەرەلىدىن ئېشىپ كەتسە ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقايدۇ؛ 2. ۋاكسىنىنى نامۇۋاپىق ساقلاش. ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنىنىڭ توشۇلۇش، ساقلاش شارائىتىغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق. ئەگەر مۇۋاپىق ساقلىمىسا ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ئالدىن كۆزلەنگەن ئىممۇنىتېت ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ؛ 3. ئەملەش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولۇش. بەزى ۋاكسىنا ئالاھىدە ئەملەش ئۇسۇلىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇسۇل نامۇۋاپىق بولسا يەنىلا يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؛ 4. يەككە تەندىكى پەرق. ئالدىنى ئېلىپ ئەملەش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ كۈچلۈك، ئاجىزلىقى بىلەن يەنە ئەملەنگۈچىنىڭ يەككە تېنىنىڭ ئامىلى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش مەۋجۇت بولۇپ، بەزى يەككە تەن ھاسىل قىلغان ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈكرەك، بەزىلىرىنىڭ بولسا ئاجىزراق. شۇڭا بوۋاققا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئاتا - ئانا يەنە بوۋاقنىڭ تازىلىقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش، بوۋاقنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە