UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھايۋانلارنىڭ بۇرنىنىڭ رولى چوڭمۇ؟

ھايۋانلارنىڭ بۇرنىنىڭ رولى چوڭمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ بۇنى نەپەس ئېلىش ئەزاسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پۇراش ئەزاسىدۇر. ساقچى ئاپشاركىلىرىنىڭ بۇرنى ئىنتايىن سەزگۈر بولغاچقا، جىنايەتچىلەرنى ئىز قوغلاپ تاپالايدۇ. ئادەتتە، پۇراش سېزىمى سەزگۈر ھايۋانلارنىڭ بۇرنى ئۇزۇن ھەم گەۋدىلىك، بۇرۇن بوشلۇقى چوڭ ھەم نەم، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى پۇراش ھۈجەيلىرى قويۇق بولىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ياشايدىغان چۈمۈلىخورنىڭ بۇرنىنىڭ چوڭلۇقى پىلدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى ئالاھىدە بولۇپ، ئادەتتە توپا - تاشلارنىڭ ئارىسىدىن چۈمۈلە تېپىپ يېيىشكە ئامراق ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلارنىڭ پۇراش سەزگۈرلۈكى ناھايىتى پەرقلىنىدۇ. لەھەڭنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن سەزگۈ بولۇپ، قاننىڭ پۇرىقىنى نەچچە مىڭ مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ پۇرىيالايدۇ - دە، دەرھال شۇ يەرگە يېتىپ بارىدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئالاھىدە ئۆتكۈر، ئۇ 1000 خىلدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ پۇرىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ھايۋانلارنىڭ بۇرۇن تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پىلنىڭ بۇرنىدا مۇستەھكەم مۇسكۇللار بار بولۇپ، خالىغانچە تارىيىپ ئۇرۇش قورالىغا ئايلىنالايدۇ؛ سۇ كالىسىنىڭ بۇرنى تومۇز ئىسسىقتا تەر تامچىلىرىنى چىقىرىپ، ئىسسىقنى ھەيدەش، بەدەن تېمېپراتۇرسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئىتنىڭ بۇرنى نەرسە ئىزدەش ئەسۋابىنىڭ رولىنى ئويىنيالايدۇ؛ شەپەرەڭنىڭ بۇرنى خۇددى رادارغا ئوخشاش 20 مىڭ گېرتىستىن يۇقىرى ئاۋاز دولقۇنى چىقىرالايدۇ. بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك گېرتىستىن يۇقىرى ئاۋاز دولقۇنى چىقىرالايدۇ. بەزى تۆۋەن دەرىجلىك جانلىقلارنىڭ بۇرنى بولمىسىمۇ، لېكىن پۇراش سېزىمى سەزگۈر بولىدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى يىراقتىكى گۈللەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە بېرىپ ھەسەل يىغىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە