UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ئاسانلا قىزىيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ئاسانلا قىزىيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار تېخى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا بەدەننىڭ ھەربىر توقۇلما، ئەزالىرى تېخى مۇكەممەل يېتىلىپ بولالمىغان. شۇڭا قارشىلىق كۈچى ئاجىزراق، ئىنتايىن ئاسان كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاغرىپ قالىدۇ ھەم قىزىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئاۋۋال، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئازراق، كىسلاتالىقى تۆۋەنرەك. شۇڭا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى چوڭلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ ھەمدە بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي دىۋارى نېپىزرەك، ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى، شۇڭا كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيە ئاسانلا قانغا ئۆتۈپ شۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاندىن بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران، ئىنتايىن ئاسان زەخىمگە ئۇچرايدۇ ھەم يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، ئىنتايىن ئاسان زەربىگە ئۇچرايدۇ. يەنە بوۋاقلار چوڭ مېڭىسىنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش تۈگۈنى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، شۇڭا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزراق. يۇقىرىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوۋاقلار ئىنتايىن ئاسانلا ھېچقانداق ئالدىن بېشارەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچراپ قىزىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە