جۇخارگۈل نېمە ئۈچۈن ھەر خىل - ھەر ياڭزا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
جۇخارگۈلنىڭ گۈل شەكلى ئاجايىپ بولۇپ، چوڭلىرى چىنىدەك، كىچىكلىرى پۇرچاقتەك، بەزىلىرى بىر شاختا بىر تا، خۇددى گۈلچىمەنگە ئوخشاش، بەزىلىرى بىر شاختا 100 تال بولۇپ، خۇددى پولات ئۇچقۇنلىرىدەك، بەس - بەستە ئېچىلىدۇ، ئادەم ئۇنى قايتا - قايتا كۆرسىمۇ زېرىكمەيدۇ.
جۇخارگۈل ئەسلىدە ئۇنداق چىرايلىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەجدادى دالىدا ئۆسىدىغان بىر خىل كىچىك سېرىق گۈل ئىدى. ئۇ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك سورتى كۆپ گۈلگە ئايلىنىشتا ئۇزۇن مەزگىللىك سۈنئىي يېتىشتۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەن. تەبىئەت دۇنياسىدا بەزىدە بىر تۈپ كىچىك جۇخارگۈلنىڭ شېخىدا تۇيۇقسىز بىر تال سېرىق گۈل ئوتتۇرىسىدا يېشىل گۈل ئېچىلىدۇ. بۇ <بىخ ئۆزگىرىشى> دىن بولىدۇ. بۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشمۇ كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان. شۇڭا كىشىلەر بۇ بىر تال شاخنى كېسىۋېلىپ، توپىغا قەلەمچە قىلىپ تىكىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋش قىلغان. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ كېيىن ئېچىلىدىغان سېرىق گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېشىل گۈل ئېچىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان. ئاندىن مۇشۇنداق ئارقا ئارقىدىن ئەۋلاد تاللاش، كۆپەيتىش ئارقىلىق مودەنگۈلگە ئوخشىشىدىغان يېشىل جۇخارگۈل دۇنياغا كەلگەن.
شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. گۈل ئېچىلىدىغان مەزگىلدە قىزىل جۇخارگۈلنىڭ گۈل چېڭى ئاق جۇخارگۈلگە سېلىنسا. بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن ئەۋلاد قىزىل ۋە ئاقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىرسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ جۇخارگۈلنىڭ شېخى، ئۇرۇقىنى رادىئاتسىيىلىك بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلاردا <تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش> پەيدا قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، بىر تۈپ سېرىق جۇخارگۈلىدە قىزىل گۈل ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گۈل چېڭى ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈش، تەن ھۈجەيرىسىنى شالغۇتلاشتۇرۇش... قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ يېڭى سورتلارنى تېخىمۇ كۆپ تېخىمۇ تېز بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
بىر تۈپ جۇخارگۈل ئۈستىدە ھەر خىل رەڭدىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى بىر قانچە خىل گۈلنىڭ ئېچىلىشىغا كەلسەك، بۇنى باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئۇلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان.