ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش مەزگىلىدە دادا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟
نېمە ئۈچۈن
دادىلار دائىم ئايالىنىڭ بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە دىققىتىنى قوزغىيالمىغانلىقىدىن، بۇرۇنقى رومانتىكلىقنىڭ ئاستا - ئاستا يوقالغانلىقىدىن، ئەر - ئايال يالغۇز بىرگە بولۇش پۇرسىتىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىشىدۇ. ئايالى بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرۈپ ئىچىدە ھەسەت قىلىدۇ، ھەتتا ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى تاللىغانلىقىغا ئازراق پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىدۇ. نېمىشقا پۇشايمان قىلىدۇ؟ ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ پۇشايمان قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس. بالىنى قانداق بېقىش ۋە تەربىيىلەش ئىشلىرىنى نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار بۇرۇنلا دىيىشىپ بولغان بولىدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، سۈپەتلىك بالا تەربىيىلەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. بالىنى ئانا سۈتى بىلەن باققان ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولىدۇ شۇنداقلا بۇ ئىقتىسادنى ئەڭ تېجەيدىغان بالا بېقىش ئۇسۇلى. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ ئانا ۋە بالىغا كەلتۈرىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى چۈشەنگەن دادىلا ئاندىن قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئانا ۋە بالىنى قوللايدۇ.