بالىلىق مەزگىلدە قايسى خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلىق مەزگىل دەل بالىلارنىڭ شوخ، كەپسىز ۋاقتى بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە يۈگۈرەپ يۈرۈشكە، پائالىيەت قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋاقىت بالىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ۋاقتى بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج. بۇ مەزگىلدە تۆۋەندىكىدەك كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. يېمەكلكلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بالىلارغا خاسىڭ، گازىر قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق، شۆپۈكلۈك مېۋىلەرنى بەرمەسلىك، تاماق يەۋاتقاندا كۈلدۈرۈپ، يېمەكلىكنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2. ئوت ۋە سۇدا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بالىلارنىڭ قايناق سۇدا، قىزىقراق تاماقتا ياكى كۈچلۈك ئوتتا كۆيۈپ يارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. سەكرەپ، يىقىلىپ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بالىلارنىڭ پەلەمپەي، كارىۋات، جوزا قاتارلىق نەرسىلەردىن يېقىلىپ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4. تىغ ۋە بىسلىق نەرسىلەردىن يارىلىنىشنىڭ پىچاق، قايچا شۇنداقلا چوكا قاتارلىق ئۇچلۇق نەرسىلەرنىڭ سانجىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
5. دورىنى خاتا بېرىپ زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئائىلىدىكى خەتەرلىك، زەھىرى بار دورىلارنى يوشۇرۇپ، بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە قويۇپ، بالىلارنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
6. توك سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش. ئائىلىلەردە نۇرغۇنلىغان روزېتكا، ئېلېكتر سايمانلىرى بولۇپ، چوقۇم پېچەتلەپ، مەھكەم ئېتىپ، بالىلارنى توك سوقۇۋېتىشنىڭ شۇنداقلا، كۆمۈر گازى قاتارلىقلاردا زەھەرلىنىپ، كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.