UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيۇلتۇزلارنىڭ ھەممىى ئاق رەڭدە بولامدۇ؟

يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىى ئاق رەڭدە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاددىي كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيدىغان يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى بەزى يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقراق، بەزى يۇلتۇزلارنىڭ غۇۋاراق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەگەر تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ كۆزىتىدىغان بولسىڭىز، يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق... قاتارلىق رەڭلەردىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئاسماندا چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگى ئۇلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قۇياش بىزگە سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 6000 سېلسىيە گرادۇس كېلىدۇ؛ سىرىئۇس ئاق رەڭلىك نۇر تارقىتىدۇ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قۇياشنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، 10 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كېلىدۇ؛ ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى <ئانتارېس> قىزىل رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 3600 سېلسىيە گرادۇسقا يەتمەيدۇ. يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغانسېرى، ئۇلار چىقىرىلغان يورۇقلۇق تەركىبىدىكى كۆك نۇرنىڭ مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ - دە، يۇلتۇز سۇس كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ؛ يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولغانسېرى، ئۇلار چىقىرىلغان يورۇقلۇق تەركىبىدىكى قىزىل نۇرنىڭ مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ - دە، يۇلتۇز قارىماققا قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. يۇلتۇزلار چىقارغان يورۇقلۇق بىزگە يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئېيتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇلتۇزلارغا دائىر نۇرغۇن سىرلارنىمۇ ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاسترونوملار ئاسترونومىيىلىك سپېكتر ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنى سپېكترغا ئايرىيدۇ، يۇلتۇزلارنىڭ سپېكترى ئۇلارنىڭ <كىملىكى> بولۇپ، ئۇنىڭغا يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئاتموسفېرا تەركىبى، ھەرىكەتلىنىش يۆنىلىشى ۋە تېزلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ئاساسىي خۇسۇسىيەت بەلگىلىرى خاتىرىلەنگەن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىى ئاق رەڭدە بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki