سېغىزخان كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىشىلەر قۇشلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، قۇشلارغا نىسبەتەن ھەر خىل ھېسىيات پەيدا بولغان. مەسىلەن، كىشىلەرئارىسىدا «سېغىزخاننىڭ سايرىشى ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى» دەيدىغان گەپ بار. ئەكسىچە، كىشىلەر قاغىنىڭ قاقىلىدىغىنىنى ئاڭلىسا، ئۇنى بالا - قازانىڭ بېشارىتى دەپ بىلىدۇ. ئۇنداقتا، كىشىلەردە نېمە ئۈچۈن قۇشلارغا نىسبەتەن ھەر خىل ھېسىيات بولىدۇ؟ سېغىزخان راستتىنلا كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزەمدۇ؟
سېغىزخاننىڭ پەيلىرى ئاق، قارا رەڭ ئارىلاش بولۇپ، قارا پەيلىرىدىن دائىم قوڭۇر نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇ ئارام ئالغاندا ئۇزۇن قۇيرۇقىنى توختىماستىن لىكىلدىتىپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. سەھەردە دائىم جۈپ - جۈپ بولۇپ ئېتىز - ئېرىق، كۆكتاتلىقلارغا ئۇچۇپ بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۇلار ھەر يىلى يەيدىغان يېمەكلىكنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكى دېھقانچلىق زىرائەتلىرىگە زىيان سالىدىغان ھاشارات. مەسىلەن، چېكەتكە، ماي قوڭغۇزى، تۈن پەرۋانسى، قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 15 پىرسەنتى بولسا دانلىق زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىدۇر.
ئەمدى قاغىغا كەلسەك، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلەر قاپقارا ، ئاۋازى چىرقىراق ھەم بىرلا خىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ توختىماي سايراپ كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭ قاقلىدىغان ئاۋازىنى شۇملۇقنىڭ بېشارىتى دەپ بىلىدىغان بولغان. ئەمەلىيەتتە، قاغىنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھاشارات تازا كۆپەيگەن ياز پەسلىدە ئاساسلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى يەيدۇ.
دېمەك، سېغىزخاننىڭ سايرىشىنى ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى، قاغىنىڭ قاقىلىدىغىنىنى بولسا بالا - قازانىڭ بېشارىتى دەپ قاراش پۈتۈنلەي كىشىلەرنىڭ سۇبيېكىتىپ تەسەۋۋۇرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەگەر سېغىزخان يېقىملىق سايرىسا، بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ھاۋانىڭ ئوچۇق بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، ئەگەر دەرەخكە چىقىۋېلىپ سەكرەپ يۈرسە، قالايمىقان، رىتىمسىز سايرىسا، بۇ ھاۋانىڭ تۇتۇلىدىغانلىقىنىڭ ۋە يامغۇر ياغىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى. ئەمەلىيەتتە، سېغىزخان بىلەن قاغىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىنسانلارنىڭ دوستى. شۇڭا، بىز ئۇلارنى ئاسرىشىمىز، قوغدىشىمىز كېرەك.