UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپىۋىنىڭ گرادۇسى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

پىۋىنىڭ گرادۇسى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پىۋىدە مول قەنت، ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار شۇنىڭدەك كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، ئوزۇقلۇق ئىنتايىن مول، كىشىلەر ئۇنى <سۇيۇق بولكا> دەپ ئاتايدۇ. پىۋىنىڭ باشقا ھاراقلارغا ئوخشاشمايدىغان يېرى ئادەتتىكى ھاراقلارنىڭ گرادۇسى ھاراقتىكى ئىسپىرت تەركىبىنى بىلدۈرىدۇ. پىۋىنىڭ گرادۇسى بولسا پىۋىدىكى مالتوزا تەركىبىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئارپا ئۈندۈرمىسى پىۋا ئىشلەيدىغان ئاساسلىق ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئارپا ئۈندۈرمىسى ئەلا سۈپەتلىك ئارپىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق نەم ھاۋادا ئۈندۈرۈشتىن شەكىللىنىدۇ. ئارپا ئۈندۈرمىسى ئېچىتىلسا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كراخمال مالتوزا ۋە باشقا قەنتلەرگە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدىكى ئارپا ئۈندۈرمە سۇيۇقلۇقى ئېچىتقۇغا ئايلىنىپ، ئېچىتقۇ ئېچىپ پىۋىغا ئايلىنىدۇ. ھاراق ئېچىتقاندا، ئادەتتە ھاراقتىكى قەنت پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىسپرتقا ئايلىنىدۇ، ئارپىدا بىر قىسىم مالتوزىلا ئىسپىرتقا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، پىۋىدا ئىسپىرت تەركىبى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئادەتتە 12 - 14 گرادۇسلۇقپىۋىنىڭ ئىسپىرت تەركىبى 4% بولىدۇ. مالتوزىنىڭ تەركىبىدىكى ئېلېمېنت شېكەر قۇمۇشى شېكىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن مالتوزا شېكەر قومۇشى شېكىرىدەك تاتلىق ئەمەس. پىۋىدىكى ئوزۇقلۇق ئاساسلىقى مالتوزىدىن كېلىدۇ. مانا بۇ ئېلىمىز خەلقىنىڭ قەنت دەرىجىسىگە قاراپ پىۋىنىڭ گرادۇسىنى ئىپادىلەش ئادىتىنىڭ سەۋەبى. دەرۋەقە، پىۋىنى ئېچىتىش جەريانىدا بىر قىسىم كراخمال باشقا تۈردىكى قەنتكە ئەيلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، پىۋىنىڭ قەنت دەرىجىسىنى ھېسابلىغاندا ئۇلارمۇ مالتوزىغا سۇندۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
پىۋىنىڭ گرادۇسى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki