UyghurWiki›نەمە›بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئاقىسل بىلەن تەمىنلەش مۇۋاپىق بولمىسا ئەقلىي قابىلىيىتىگە قانداق خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئاقىسل بىلەن تەمىنلەش مۇۋاپىق بولمىسا ئەقلىي قابىلىيىتىگە قانداق خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى يىلدىكى بوۋاقلىق مەزگىل بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى يۇقىرى باسقۇچ ھەم شۇنداقلا مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىدىكى ماددىي ئاساس ۋاقتى مېڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى ۋە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئىنتايىن جانلىق مەزگىلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق بولغان ئاقسىل ۋە ئامىنو كىسلاتاسى تەمىنلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئەگەر ئاقسىل بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭى ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر يېتىپ، بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئاقسىل بىلەن تەمىنلەش ئارتۇق بولۇپ كەتسە ئارتۇقتىن ئارتۇق سەرپ بولغاندىن سىرت، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئازوتلۇق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل كېسەل مېڭىگە خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر غىزالىنىش جەريانىدا فېنىل ئالانىن، تارماق زەنجىر ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئارتۇق قوبۇل قىلغاندا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىتابولىزىم ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بەزىبىر كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى پەيدا قىلىدۇ.