ئايلىق بولغان بالىلارغا تۇرمۇشتىكى ھەرىكەت ۋە قىلىقلارنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە، بىر ياش ئەتراپىدىكى بالىلار ئاڭلىق ھالدا <دادا، ئاپا> دەپ چاقىرىشقا باشلايدۇ. تەخمىنەن بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە 40 تىن 60 كىچە سۆزلەرنى سۆزلىيەلەيدۇ. يەنى مۇشۇ ياشتىن باشلاپ، بالىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا باشلايدۇ. بالىلارغا ئېيتىپ بېرىدىغان ھېكايىلەر ئۇنىڭ يېشى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىشى كېرەك، بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا، ھېكايىنىمۇ بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئېيتماسلىق كېرەك. ئادەتتە ئون مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ئېيتسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مەزمۇننى چوقۇم تاللاش كېرەك، بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، پەرىزات قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ، تۆت ياشتىن بەش ياشقىچە بولغاندا تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، چۆچەك، بالىلار ھېكايىسى، خەلق ھېكايىلىرى قاتارلىقلارنى ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ. بالىلار يەنە سىزنىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھېكايىنى قايتىلاپ سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېكايە سۆزلىگەندە جانلىق بولۇش، ئەڭ ياخشىسى تەقلىدىي سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى مەسىلەن: ئاشۇ ھېكايە ئىچىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت ۋە ئىپادىلىرىنى، ئوخشىمىغان مىجەز - خاراكتېرىنى تولۇق دېگۈدەك ئىپادىلەپ بېرىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن بالىلاردىن مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراپ بەرسە، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ