UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنى قانچە تېز تۇغسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟

بالىنى قانچە تېز تۇغسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆزى يورۇغان ۋاقىتنىڭ تېز - ئاستىلىقى، ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئادەم ئامىلىگە باغلىق بولۇپ، نورمال تۇغۇت مۇددىتى بىر ئاز ئازادە ۋاقىت ۋە دائىرىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئارزۇسى بولسا تۇغۇتنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىراق، تۇغۇت قانچە تېز بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس. كلىنىكىلىق جەھەتتە، پۈتۈن تۇغۇت مەزگىلى ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن تۇغۇت جىددىي تۇغۇت بولىدۇ. جىددىي تۇغۇت بولسا خەتەرلىك، بۇ جىددىي تۇغۇت ئەھۋال ئاستىدا، بالىياتقۇ بوينى، جىنسىي يول، تاشقى جىنسىي ئەزا، چاتىراق قاتارلىق ئورۇنلار تولۇق ھالدا كېرىلىشكە ئۈلگۈرمەي، ھامىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئاقىۋەت كۆپىنچە ھاللاردا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەزالارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياردەمچى سېسترامۇ بالىنى قوبۇل قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، دېزىنفېكسىيە قىلىشنى سەل چاغلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئۆلچەملىك مەشغۇلاتنى ساقلاش ئۈچۈن، تۇغۇتتىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ زەخىملىنىشىنى قوزغاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھامىلە تېز سۈرئەتتە بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن چىققاندا، بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىمۇ تارىيىشقا ئۈلگۈرمەي تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ چىقىدۇ. ھامىلىمۇ زىيادە كۈچەش تۈپەيلىدىن ۋە بالىياتقۇ بوينىنىڭ تارىيىشى تۈپەيلىدىن مۈشكۈل ئەھۋالغا قالىدۇ ياكى تۇغۇتتىن كېيىن بوغۇلۇپ قالىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بوۋاقنىڭ باش قىسمىمۇ مۇھىتنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن جىددىيلىشىپ (تۇغۇت يولى ئىچىدە يۇقىرى بېسىمغا ئۇچراپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن بېسىم تۇيۇقسىز تۆۋەنلەيدۇ) كۆپىنچە ھاللاردا قان چىقىدۇ. تۇغۇتنىڭ تېز بولۇشى، ياخشى ئىش ئەمەس
← بارلىق تېمىلار نەمە