ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدا مىنا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مىنا تارىخى ئۇزۇن بىر خىل مۇداپىئە قورالى بولۇپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى، تانكىلىرى ۋە باشقا ئاپتوموبىللىرىنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇملىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالايدۇ، ئۇ تارىختىكى ھەر قېتىملىق ئۇرۇشلاردا غايەت زور كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ ياپون باسقۇچلىرىغا قارشى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئارمىيىمىز ۋە خەلقىمىز نۇرغۇن <يەرلىك مىنا> لارنى كەشىپ قىلىپ ۋە ياساپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى مىنانىڭ شەپىسىنى ئاڭلاش بىلەنلا يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك ھالغا چۈشۈرۈپ، بىر قەدەممۇ سىلجىتمىغانىدى.
ئىلگىرى، مىنالار پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. مىنا ئادەم كۈچىگە تاينىپ ئورۇنلاشتۇرۇلسا بىر قەدەر يوشۇرۇن بولىدۇ، بىراق بۇنىڭ سۈرئىتى ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك ناھايىتى روشەن يېتەرسىزلىكلىرىمۇ بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىنالارنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلدى.
نۆۋەتتە، ئاپتوموبىل، زەمبىرەك ۋە كاتيۇشادىن پايدىلىنىپ مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى تىك ئۇچار ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلان ئارقىلىق ھاۋادىن مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلىدۇ. بۇنداق مىنالارنىڭ كىچىك پاراشوتى بولغاچقا يەرگە <ساق> چۈشەلەيدۇ. مۇشۇنداق زامانىۋى مىنائورۇنلاشتۇۇرش شەكلىنى قوللانغاندا، يىراقتىن كەڭ دائىرە، تېز سۈرئەت، يۇقىرى زىچلىقتا مىنا ئورۇنلاشتۇرۇغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شەكلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، مەسىلەن كۆپ ئىستوۋۇللۇق كاتيۇشا ئارقىلىق مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى قوللانغاندا، نەچچە ئون سېكونتتىلا نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقتىكى دائىرىگە نەچچە يۈز دانە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىغان كۋادرات شەكىللىك تانكىغا قارشى مىنا رايونىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. گەرچە بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالار يەردە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، دۈشمەن ئادەتتە قىسقا ۋاقىتتا مىنالارنى تولۇق تازىلىۋېتىشكە ئامالسىز قالىدۇ، - دە، توسالغۇ پەيدا قىلىش ۋە قامال قىلىش مەقسىتىگە يەتكلى بولىدۇ.