UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ھامىلىدار ئاياللار كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار مەزگىلدە كىتاب كۆرۈپ، گېزىت ئوقۇغاندا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ روھىي پسىخىكا پائالىيىتىنى تەڭشىگىلى، مول بىلىمگە ئىگە بولغىلى، ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشىدىكى ھېسسىيات قىزىقىشىنى قوزغاش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىسى بار. گېزىت - ژۇرنال، كىتاب كۆرگەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. كىتاب، گېزىت - ژۇرنال تۈرى ۋە مەزمۇنىنى تاللاش. كۆپرەك مۇنەۋۋەر نەرسىلەرنى، شېئىر ۋە بالىلار ھېكايىلىرىنى ئوقۇسا، نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ. 2. ئەڭ ياخشىسى ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئوقۇغان كىتابىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا تىل، ھېسسىيات ئالمىشىشى كۈچىيىدۇ. 3. بىر قىسىم پەننىي كىتابلارنىمۇ (ئىلمىي كىتابلارنىمۇ) كۆرۈپ قويۇش. مەسىلەن، ھامىلىدارلىق تەربىيىسى، سەھىيە، بالا تەربىيىسى قاتارلىق كىتابلارنىمۇ كۆرۈش كېرەك. 4. رومان ياكى ئېچىنىشلىق ۋەقە، تراگېدىيە سۆزلەنگەن، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ژۇرناللارنى ئوقۇشتىن ساقلىنىش. 5. ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇماسلىق، ئادەتتە نورمال بولغاندا يېرىم سائەت بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىدار ئاياللار كىتاب ئوقۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki