UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاق پەتەك يۇلتۇز دېگەن نېمە؟

ئاق پەتەك يۇلتۇز دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارنىڭكىدەك يېشى (ئۆمرى) بولىدۇ. ئاسترونوملار تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ياشلىق مەزگىلى، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى ۋە قېرىلىق مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا ئايرىيدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇز قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان بىر تۈرلۈك تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، ھەجىمى كىچىك، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، زىچلىقى زور. ماسسىسى قۇياشتىن پەرقلەنمەيدىغان بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ <بويى> ئاران يەر شارىنىڭكىچىلىك كېلىدۇ. بويىنىڭ كىچىكىلىكىگە قارىماي، ئۇنىڭ زىچلىقىنىڭ چوڭلۇقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنىڭدىكى سېرىق پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتىكى نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 مىڭ سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئاق نۇر چىقىرىدۇ. ھەم <ئاق> ھەم <پەتەك> دېيىش بۇ خىل يۇلتۇزنىڭ ئەڭ ياخشى تەسۋىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇز تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ماسسىسى 1.44 قۇياش ماسسىسىدىن كىچىك بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا بىر قەدەر تىنچ قۇرۇلۇش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. ماسسىسى چوڭراق تۇرغۇن يۇلتۇزلار بولسا ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىشى يۈز بېرىپ، نېيترون يۇلتۇزغا ياكى قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاق پەتەك يۇلتۇز يەنە قۇياشنىڭمۇ ئاقىۋىتىدۇر. تۇرغۇن يۇلتۇز تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلانغاندا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يادرو رېئاكسىيىسى ئاساسىي جەھەتتىن توختايدۇ، گەۋدىسىمۇ سوۋۇشقا باشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈنمەيدىغان قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپ بايقالغان ئاق پەتەك يۇلتۇز سىرىئۇس (ئاسمان بۆرىسى) نىڭ جورا يۇلتۇزىدىن ئىبارەت. كېيىن يەنە 1000 دىن ئارتۇق ئاق پەتەك يۇلتۇز بايقالدى. سامانيولى سىستېمىسىدا يەنە نۇرغۇن ئاق پەتەك يۇلتۇز مەۋجۇت بولۇشى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ <بويى> بەك كىچىك بولغاچقا، ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئاق پەتەك يۇلتۇز دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki