نېمە ئۈچۈن تۆت ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قوشۇپ بېرىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سۈتتىن باشقا، يەنە بوۋاقلارغا يېرىم قاتتىق (يەنە سۇيۇق - سەلەڭمۇ دېيىلىدۇ) ياكى قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا موھتاج، بۇ خىل يېمەكلىكلەر قوشۇمچە يېمەكلىكلەر دېيىلىدۇ. مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ياكى سۈنئىي بېقىلغان بوۋاق بولسۇن، ھەممىسىدىلا بىر ئايلىقتىن باشلاپ بوۋاققا ئانئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىن قوشۇپ بېرىش كېرەك. بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاشقازان ئاجرىتىپ چىقارغان ھەزىم قىلىش ئېنزىمىمۇ كۆپىيىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ قەدەممۇقەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بوۋاق تۆت ~ ئالتە ئايلىق بولغاندا بەزىبىر سۇيۇق - سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلالايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرسە بولىدۇ. بۇ چاغدا ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر يەنى ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار قاتارلىقلار بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، بولۇپمۇ مىكرو ئېلېمېنت تۆمۈرنىڭ كەمچىللىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك. مەسىلەن: ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلارنىڭ ئانا تېنىدىن قوبۇل قىلىدىغان تۆمۈر ماددىسى پەقەت تۆت ئايلىققىچە بولغان يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تولۇقلىمىسا، بوۋاق چوقۇم ئاسانلا كەم قان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، تۆت ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرسىتىپ بېرىشكە تېگىشلىكى، بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىش ۋاقتى بەك بالدۇر بولماسلىق، بولمىسا يەنە نۇرغۇن ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.