نېمە ئۈچۈن ئېگىز بىنالار ئوت ئاپىتىدىن قورقىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
2001 - يىل 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مەشھۇر نيۇ يورك دونيا سودا مەركىزى بىناسى ئايروپىلاننىڭ سوقۇلۇشى بىلەن ئۆرۈلۈپ چۈشتى. مۇتەخەسسىسلەر ئايروپىلانىنىڭ سوقۇلۇشى ھەقىقەتەن بىنانى بەلگىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى، لېكىن، بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە ئاشۇ سوقۇلۇشتىن بىناغا كەتكەن ئوت سەۋەبچى بولدى دەپ قارىدى.
ئەمەلىيەتتە، يەر تەۋرەشتىن قالسا، ئوت ئاپىتىنىڭ ئېگىز بىنالارغا سالغان زىيىنى ئەڭ زور بولىدۇ.
ئېگىز بىنالار ئادەتتە پولات ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىندۇ، پولات ماتېرىياللىرىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى شۇكى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يۇمشاپ كېتىپ، ئەسلىدىكى قاتتىقلىقىنى يوقىتىدۇ. گەرچە بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش سىرى بىلەن سىرلانغان بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك ئوت ئاپىتىگە يولۇقسا ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش سىرى ئېرىپ كېتىدۇ. دۇنيا سودا بىناسىغا سوقۇلغان ئايروپىلاندا لىققىدە يېقىلغۇ بولۇپ، ئۇ كۆيگەندىكى تېمپېراتۇرا 1000 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن، بىنانىڭ سوقۇلغان بىر قانچە قەۋىتىدىكى پولات ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ئېرىپ كېتىپ، ئۈستى قىسمىدىكى 10 مىڭ توننا ئېغىرلىق پەسكە غۇلاپ چۈشكەن، ئاخىر 110 قەۋەتلىك دۇنيا سودا مەركىزى بىناسى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
بىنا بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە، ئوت ئۆچۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ، ئادەتتە ئوت ئۆچۈرۈش شوتىسىنىڭ ئېگىزلكىكى 50 - 60 مېتىر بولىدۇ، ئەگەر بىنانىڭ ئوتتۇرا ياكى يۇقىرى قەۋەتلىرىگە ئوت كەتسە، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر شوتا ئارقىلىق ئوت كەتكەن جايغا تېز چىقىپ بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېگىز بىناغا چىقىشتا ئاساسلىقى لىفىتقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئوت كەتكەندىن كېيىن توك مەنبەسى ئۈزۈۋېتىلگەچكە، ئادەم پەلەمپەي ئارقىلىق بىنادىن قېچىپ چىقىدۇ. ئادەملەرنىڭ بىنادىن چۈشۈش يۆنىلىشى بىلەن ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ بىناغا چىقىش يۆنىلىشى قارىمۇ قارشى بولغاچقا، ئاسانلا پەلەمپەي توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.