UyghurWiki
UyghurWikiنەمەرەقەملىك ئالاقىلىشىش دېگەن نېمە؟

رەقەملىك ئالاقىلىشىش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن رەقەملىك ئالاقىلىشىش دېگىنىمىز، تارقىتىدىغان ئەسلىدىكى سىگنال (مەسىلەن، يېزىق، تىل، سۈرەت) نى بىر قاتار رەقەملىك ئىمپۇلىسقا ئايلاندۇرۇپ يوللاش ئارقىلىق ئالاقىلىشىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت خىزمەت پرىنسىپى بولسا تارقىتىش ئۇچىدىكى ئەسلىدىكى سىگنالنى ئۈلگە قىلىپ، مىقدارلاشتۇرۇپ، كودلاشتۇرۇپ مەخسۇس ئۈسكۈنە لىنىيىسىدە بەزىدە بۇلىدىغان بەزىدە يوقىلىپ كېتىدىغان ئېلېكترو ماگىنىتلىق ئىمپۇلىس ئارقىلىق سىگنالنى ئېلېكتر يولى ياكى سىمسىز تېلېفون بىلەن تارقىتىدۇ. بۇ خۇددى چىراقنى مەلۇم تەرتىپ بويىچە ئۆچۈرۈپ ياققانغا ئوخشايدۇ. رەقەملىك ئالاقىلىشىشتا بار ئىمپۇلىس 1 بىلەن، يول ئىمپۇلىس 0 بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، 0 بىلەن 1 دىن تەركىب تاپقان ئىككىلىك سىستېمىسىدىكى سانلارنىڭ بولۇشى بەلگىلەنگەن. قوبۇللىغۇچى ئۈچ رەقەملىك ئىمپۇلىسلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە يېزىق، تىل، سۈرەت شەكىللىرىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. رەقەملىك ئالاقىلىشىش سىگنال تارقىتىش جەريانىدا ئىمپۇلىسنىڭ بار - يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرسىلا بولىدۇ. شۇڭا كاشىلىغا قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇرۇنقى تەقلىدىي ئالاقىلىشىش تۈرلۈك يوللار بىلەن ئالاقىلىشىش يولىغا كىرىۋاتقان ئاۋازلارنىڭ كاشىلىسىغا ئاسانلا ئۇچرايتتى. لېكىن رەقەملىك ئالاقىلىشىشتە ئۇنداق بولمايدۇ. رەقەملىك ئالاقىلىشىش سىگنال يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا، قايتا ھاسىل قىلغۇچى ئوتتۇرىدىن تۇتاشتۇرغۇچىدىن پايدىلىنىپ، ئەينەن بولمىغان ئىمپۇلىس سىگناللىرىنى مۇكەممەل بولغان ئىمپۇلىس سىگنالىغان قايتا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئەينەن بولمىغان سىگناللار توپلىنىپ قالمىسىلا، يەتكۈزۈش ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، ھەر خىل تۈردىكى ئوخشاش بولمىغان سىگناللار (مەسىلەن، تېلېفون، فاكىس، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلار) نى رەقەملىك ئىمپۇلىسقا ئايلاندۇرۇپ تارقاتقاندا بىرلىككە كەلگەن ئالاقىلىشىش تورى بىلەن يەتكۈزۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەمدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. رەقەملىك ئالاقىلىشىشتە كۆپ مىقداردىكى لوگىكىلىق ئېلېكتر زەنجىرى ئىشلىتىلگەچكە، ئېلېكتر زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇشقا قۇلايلىق بولىدۇ ھەمدە كومپىيۇتېر تېخنىكىسى نەتىجىلىرىدىن ئاسان پايدىلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا ھازىرقى رەقەملىك ئالاقىلىشىش شەكلى بارغانسېرى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە