ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى ۋە ئەمچىكىنى قانداق ئاسراش ۋە پاكىز تۇتۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان ئانىلار بىر مەزگىل بالا ئېمىتكەندىن كېيىن ئەمچەك توپچىسىنىڭ بوشراق ياكى قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى ئەمچەك توپچىلىرىنىڭ ئاغرىشى بالا ئېمىتكەن ۋاقىتتىكى قىياپەتكە باغلىق. بالا ئېمىتكەندە بوۋاق چوقۇم ئەمچەك توپچىسىنى ۋە ئەمچەك دېغىنى تولۇق شورىشى كېرەك. ئەگەر ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ ئەمچەك دېغىنى شورىمىغاندا، بالا سۈتنى ياخشى ئېمەلمەيلا قالماستىن، يەنە كۈچەپ شوراپ ئەمچەك توپچىسىنى ئاغرىتىپ قويىدۇ. ئەمچەك توپچىسى ۋە ئەمچەكنى تازىلىغاندا، سوپۇن بىلەن يۇماي پاكىز، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇش كېرەك، ئەگەر سوپۇن پاراشوكى ياكى ئەتىر سوپۇن بىلەن يۇغاندا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار ئەمچەك توپچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاجرىتىلغان مايلارنى چىقىرىۋېتىپ، قوغداش رولىغا تەسىر يېتىدۇ. باكتېرىيىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىلەر يېرىلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاغرىپ ئەمچەك ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھەر قېتىم ئېمىپ بولغاندا، چوقۇم بالا ئۆزى ئەمچەك توپچىسىنى ئاغزىدىن چىقىرىۋېتىشى، ھەرگىزمۇ ئانا چىقىرىۋەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئەمچەك توپچىسى ئوڭايلا زەخىملىنىدۇ.