UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئېخورنىيە ئوتى نېمە ئۈچۈن دەريالاردا ھەددىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ ئاپەتكە ئايلىنىدۇ؟

ئېخورنىيە ئوتى نېمە ئۈچۈن دەريالاردا ھەددىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ ئاپەتكە ئايلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېزىلاردا، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇلۇق جايلاردا ئېخورنىيە ئوتى چوڭ - كىچىك ھەممە ئادەم بىلىدىغان سۇ ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى ئىنتايىن ئۆزگىچە: يوپۇرمىقى يېشىل، سۇس بىنەپشە رەڭدە ئېچىلىدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ تۆۋەن قىسمى پەۋقۇلئاددە زورايغان بولۇپ، خۇددى قاپاققا ئوخشىشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىچى بىر خىل بۇلۇتسىمان توقۇلما بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ھاۋا بولىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئۆسۈملۈك تۈپىنى خۇددى بىر كىچىك قولۋاقتەك سۇ يۈزىدە لەيلىتىپ تۇرىدۇ. ئېخورنىيە ئوتىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، شېكەر، ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار بىر قەدەر مول بولۇپ، مەلۇم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ئەگەر بىرلىك كۆلىمى بويىچە ھېسابلايدىغان بولساق، ئۇنىڭدىن ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان ئاقسىل مول ھوسۇللۇق دادۇرنىڭكىدىن ئالتە - ئون ھەسسە يۇقىرى تۇرىدۇ. ئېلىمىزدە ئېخورنىيە ئوتى چوشقىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يەم - خەشىكى ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى ئېخورنىيە ئوتىنىڭ سۇنى ساپلاشتۇرۇش رولى بار. ئۆلچەپ چىقىلىشىچە، ئېخورنىيە ئوتى بېقىپ تازىلانغان كۆلچەكلەردە فېنول، خروم ۋە كادمىيلارنىڭ تازىلىنىش نىسبىتى ئادەتتىكى تازىلانغان كۆلچەكلەرنىڭكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 16%، 25% ۋە 8% ئۆپچۆرىسىدە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ سۇدىكى ئازوت، فوسفور قاتارلىق ماددىلارنىمۇ ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈۋالالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېخورنىيە ئوتى ئېلىمىزنىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە ساياھەت رايونلىرىنىڭ دەريالىرىدا ھەددىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ ئاپەتكە ئايلىنىپ، بىر خىل <ئۆسۈملۈكتىن بۇلغىنىش> نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلار سۇ يۈزىدە <يېشىل ئارال> ھاسىل قىلىپ، دائىم سۇ پومپىسىغا يۆگىشىۋېلىش، پورتلارنى توسۇۋېلىش، قاتناشقا تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق ھادىسىلەرنى پەيدا قىلماقتا. بۇلارنى ئاساسەن ئېخورنىيە ئوتىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئىنتايىن تېز بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇھىت شارائىتى ماس كەلگەن ۋاقىتتا، ئون تۈپ ئېخورنىيە ئوتى سەككىز ئاي ئىچىدىلا كۆپىيىپ 600 مىڭ تۈپكە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئەت دۇنياسىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان بىرەر خىل كېسەللىك، ھاشارات ياكى كۈشەندە يوق. جايلاردىكى ئېخورنىيە ئوتلىرى سۇ ئېقىمىغا ئەگىشىپ لەيلەپ ئاساسىي دەريا يولىغا ئېقىپ كېلىپ سۇ يۈزىگە يىغىلىۋېلىش بىلەن كۈتۈلمىگەن ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە