ئالەم ئايروپىلانى ئاي شارىغا ئۇچۇپ چىقالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالەم ئايروپىلانى راكېتا، ئالەم كېمىسى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت. يەر يۈزىدىن ئۇچىدىغان چاغدا، ئۇ بىر راكېتاغا ئوخشىشىدۇ؛ يەر شارىنى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئۆزگىرىپلا ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىغا ئايلىنىپ، ئېگىز بوشلۇقتىن لەيلەپ پەسلەپ يەرگە قونىدۇ. ئاي شارىدا بولسا ھاۋا يوق دېيەرلىك، شۇڭا ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئۇنىڭغا لەيلەپ قونۇشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئوربىتىسى ئادەتتە يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئېگىزلىكى 1000 كىلومېتىردىن تۆۋەن، دېمەك ئاي شارىدىن يىراقتا. ئالەم ئايروپىلانىدن پايدىلىنىپ ئاي شارىغا چىقماقچى بولسا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ يەر شارى تۆۋەن ئوربىتىسىغا يېتىپ بېرىشى، ئاندىن كېيىن ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئوربېتا ئارا ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئوربىتا ئارا ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىگە ئولتۇرۇپ، ئاي شارىغا ئۇچۇپ بېرىشى زۆرۈر. ئاي شارى ئوربىتىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىقىش بۆلمىسىگە ئولتۇرۇپ ئاي يۈزىگە قونسا بولىدۇ.
گەرچە ئالەم ئايروپىلانى ئاي شارىغا بىۋاستە يېتىپ بارالمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئەركىن - ئىختىيارىي بېرىش - كېلىشىدىكى ئەڭ ياخشى قورال ھېسابلىنىدۇ. ئالەم ئايروپىلانى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى، يۈك توشۇش كېمىسى، ئادەم چۈشكەن ئالەم كېمىسى ھەتتا كىچىك تىپتىكى ئالەم پونكىتلىرىنىڭ رولىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئۇ يەنە ئادەتتىكى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىدە يوق بەزى ئىقتىدارلارنىمۇ ھازىرلىغان، مەسىلەن، يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، ئېگىز ئوربىتىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، ئوربىتىدىن سۈنئىي ھەمراھنى تۇتۇۋېلىش، رېمونت قىلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىقلار. ئالەم ئايروپىلانىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى مۇھىم بىر نامايەندە ھېسابلىنىدۇ.