نېمەئۈچۈن رادار ھەربىي ئىشلاردا ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
رادار دېگەن سۆزئىنگىلىزچە <RADAR> سۆزىنى ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئۇ <رادىئو ئارقىلىق تەكشۈرۈش ۋە ئارىلىق ئۆلچەش> دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئىنگىلىزچىدىكى باش ھەرپلىرى ئارقىلىق قىسقارتىلىپ يېزىلىشىدۇر. رادار رادىئو دولقۇنلىرىنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىدۇ، رادىئو دولقۇنى مېتال قاتارلىق جىسىملارغا تەگكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ ھەمدە ئېلېكترونلۇق ئاپپارات ئېكرانىدا كۆرۈنىدۇ.
1922 - يىلىلا رادىئو تېخنىكىسىنىڭ پېشۋاسى ماكورنى رادار ياساشنى تەسەۋۋۇر قىلغان. 1936 - يىلى، ئەنگىلىيىلىكلەر تۇنجى رادارنى ياساپ چىقتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە دۈشمەننىڭ پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىش ئۈچۈن دېڭىز بويلىرىغا نۇرغۇن رادار ئورناتتى. نەتىجىدە، ئەنگىلىيە رادارنىڭ ياردىمىگە تاينىپ، 1940 - يىلىدىكى برىتانىيە ھاۋا ئۇرۇشىدا زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇڭا، رادار بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلدى.
1938 - يىلى، رادار ھەربىي ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن رادارنىڭ ئۆلچەش دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، ئىسمى - جىسىمىغا لايىق <يىراقنى كۆرگۈچ> كە ئايلاندى. ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، رادارنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئىلغارلىشىپ باردى. ئۆلچىيەلمەيدىغان ئارىلىقى تېخىمۇ يىراقلىشىپ، ئاختۇرۇش زىللىقى بارغانسېرى يۇقىرىلىدى، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى بارغانسېرى قىسقاردى، ئايروپىلان، ھەربىي پاراخوت ۋە تانكا قاتارلىق نىشانلارنىلا تەكشۈرۈپ قالماي، يەنە يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە راكېتالارنىڭمۇ <ئىزىغا چۈشەلەيدىغان> بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، راداردا يەنە كومپىيوتېر سىستېمىسى قوللىنىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى باشقۇرۇش، زەمبىرەكلەرنى يېتەكلەش، ئايروپىلان ياكى پاراخوتلارغا يول باشلاش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلدى. ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدا، مەيلى ھۇجۇم قىلىش ياكى مۇداپىئە كۆرۈشتە بولسۇن، رادار كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورالغا ئايلىنىپ قالدى.