ھامىلە يېغى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەن تېرە يۈزىنىڭ بىر قەۋەت سۈت رەڭ نەرسە بىلەن قاپلانغانلىقىنى، بويۇن، قولتۇق، يىرىق قاتارلىق ئورۇنلارغا كۆپرەك يىغىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ سۈت رەڭ نەرسە دەل ھامىلە يېغىدۇر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېرە يۈزىدىكى ھامىلە يېغى ياغ بېزى ئاجرىتىپ چىققان تېرە يېغى بىلەن ئىسپېرما ھۈجەيرىسى تۆكۈلۈشتىن شەكىللەنگەن. ھامىلە يېغى بوۋاقنىڭ بەدەن سىرتقى تېمپېراتۇرىسىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ؛ كىيىم، زاكا قاتارلىقلارنىڭ تېرىگە سۈركىلىشىنى ئازايتىپ، تېرىنى قوغداپ، يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ؛ كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ھامىلە يېغى ئاستا - ئاستا تېرىگە سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ھامىلە يېغىغا نىسبەتەن ساقلاپ قېلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇش ھەرگىزمۇ بىر قېتىملا پاك - پاكىز يۇيۇپ تازىلىۋەتمەسلىك كېرەك.